بالاتۇغۇۋېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئايال

2015-05-08 11:01:00 -0400
ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 4-ﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺑﯩﺮﺍﺯﯨﻠﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ 27 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﺭﻛﻮﺯ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ, ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﺎﺭﯨﺴﺎ ﺗﻮﺭﺍﺩﻭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺳﺎﻥ ﭘﺎﯞﻟﻮ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﮕﺘﻮﺑﺎ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﯜﭺ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺳﻪﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ, ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺗﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﯩﻼﺭ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ, ﺗﯩﻠﯩﻤﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﮪﯧﭽﻘﺎﻳﺴﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻣﺎﺭﯨﺴﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﻻﻱ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼﭖ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ, ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯜﺳﺴﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ, ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ, ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ, ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﻣﺎﺭﯨﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﺷﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ, ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ, ﺋﻮﺷﯘﻗﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺭﻛﻮﺯ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ, ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﯘﻏﯘﺗﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ, ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍ «ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ!» ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ:«ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ, ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ, ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯜﭺ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﯕﮕﯩﺪﯨﻢ». ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﺎﺭﯦﺴﺎ ﺳﺎﻥ ﭘﺎﯞﻟﻮ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﮕﯩﺶ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ, ﻟﯩﻜﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻣﺎﺭﯦﺴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺋﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﮪﺎﯞﺍﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ, ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻮﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺳﯘﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ 10 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺗﺎﻡ ﻣﻪﺷﻜﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ, ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﻰ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻤﯘ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ, ﻣﺎﺭﯦﺴﺎﻧﯩﯔ 33 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ, ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﺎﺭﯦﺴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ:«ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯘﻏﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ, ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ, ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ».
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N